Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆچمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر نەرسىنىڭ كۈننىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆڭى - رەڭگىنى سۇسايتماق، يوقاتماق.
بوز ئاتنىڭ رەڭگى ئۆڭمەس، ئالتۇننىڭ رەڭگى ئۆچمەس. ئۆڭى ئۆچمەس ئادەم يوق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆچمەك، تۈگىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېنىشتىن، يالقۇنجاشتىن، كۆيۈشتىن توختىماق.
چىراغ ئۆچمەك. ئوت ئۆچمەك.
يوقالماق، غايىب بولماق، يوق بولماق.
ئاۋاز ئۆچمەك.
شۇ زامان ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلۈمسىرەش ئۆچتى.
كۆچمە. ئۇنتۇلماق، ئۇنتۇلۇپ كەتمەك؛ ئەستىن، كۆڭۈلدىن كۆتۈرۈلمەك؛ يوقىماق.
يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن (ماقال).
يىللانىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ <خالۋاپ> دېگەن بىر چىرايلىق يارىشىملىق نامىمۇ ئۆچتى.
بىرەر نەرسە يۈزىگە چىقىرىلغان بەلگە، خەت قاتارلىقلار چىقىپ كەتمەك، يوقاپ كەتمەك.
خەت ئۆچمەك. ئىزى ئۆچمەك.
كۆچمە. خىرەلەشمەك، ئۆڭمەك، ئۆزگەرمەك، باشقىچە ھالەتكە كىرمەك.
ئايىمگۈلنىڭ رەڭگى ئۆچتى. بېشىدا باشقىچە پىكىرلەر پەيدا بولۇپ، ئەندىشىگە چۈشتى.
سەپتىن ياكى تىزىملىكتىن، ھېسابتىن چىقماق.
رويخەتتىن ئۆچمەك.