Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئودىسسېئۇس
دۇنيا تارىخى
奥德修斯
ào dé xiū sī
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان، ئىتاكا (ئوتتۇرا يۇناننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا) ئارىلىنىڭ پادىشاھى. لاتىنچە Ulysses دەپ ئاتىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، باش خۇدا زىۋىسنىڭ نەۋرىسى لائېرتېسنىڭ ئوغلى. يۇناننىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنىغا قاتناشقان، ئۇ ھەم پاراسەتلىك، ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، ئەقىل كۆرسەتكۈچى دەپ ئاتالغان. ترويا ئۇرۇشىدا نۇرغۇن قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ <ياغاچ ئات ھىيلىسى> نى ئويلاپ تېپىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ترويا شەھىرىنى ئالغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇرۇشتىن كېيىن قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە، دېڭىزدا ئون يىل سەرسان بولۇپ يۈرۈپ، خىلمۇ خىل جاپا - مۇشەققەتلەرنى ۋە ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، جۈملىدىن بىر كۆزلۈك گىگانت ئادەم پولىفېمۇس ئارىلىدىكى خەتەردىن قۇتۇلغان؛ شامال خۇداسى ئائېئولۇسنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، <كوھقاپ> نىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويۇپ، جاپا تارتقان؛ ئايال سېھىرگەر سېرىسېنىڭ ئارىلىدا ھەمراھلىرى توڭگۇزغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان. ئۇ جەھەننەمگە بېرىپ، قارىغۇ ھۆكۈما تىرېسىئاستىن كېلەچىكىنى سۈرۈشتۈرگەن، دېڭىز ئالۋاستىسى سېنىسنىڭ كىشىنى ئازدۇرىدىغان ناخشا ئاۋازىنى ئۇستىلىق بىلەن توسۇپ ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى يالغۇز پەرىزات كالىپسو تەرىپىدىن يەتتە يىل قالدۇرۇلغان، بەختكە يارىشا ئىلاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئىتاكا ئارىلىغا قايتىپ كېلىپ، ئوغلى تېلېماكۇس بىلەن تونۇشقان، ئايالى پېنېلوپېغا تەلەپ قويغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئائىلىدىكى ھەممەيلەن يېڭىۋاشتىن جەم بولغان. گومېرنىڭ <ئودىسسا> (<ئودىسسېئۇسنىڭ سەرگۈزەشتىسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) داستانىدا ئودىسسېئۇس باش قەھرىمان قىلىنغان