Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئودېر دەرياسى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر奥得河
ào dé hé
ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا. باش مەنبەسى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شىمالىدىكى ئودېر تاغلىرىدىن باشلىنىپ، پولشىنىڭ غەربىي جەنۇبىنى بېسىپ ئۆتۈپ، سول تەرەپتىن ئېقىپ كېلىدىغان نىس دەرياسىنى ئۆزىگە قوشقاندىن كېيىن شىمالغا قاراپ پولشا، گېرمانىيىنىڭ چېرگرىسىنى بويلاپ ئېقىپ، بالتىق دېڭىزىنىڭ شېتسىن قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 903 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆلىمى 125 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريانىڭ ۋارتا، نىس، نىس - كفوژكا قاتارلىق تارماقلىرى بار. دەريا بويىدا ئوسسىتراۋا (چېخ)، ئوپولى، بروتسلاۋ، شېتسىن (پولشا)، فرانكفۇرت (گېرمانىيە) قاتارلىق پورتلار بار. دەريانىڭ سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، پولشىنىڭ كورلې شەھىرىدىن باشلاپ دەريا پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ. ئودېرا دەرياسىدىن ئېلبا، ۋىسۋا دەريالىرىنىڭ تارماقلىرىغا تۇتاشتۇرۇلغان قاناللارمۇ بار.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال奥得河
ào dé héDتارىخ
奥德河
ào dé hé
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.