Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوڭدا چۈشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېڭىلىپ خاراب بولماق
ئاۋايلا، يوق گەپنى قىلىپ قويۇپ ئوڭدا چۈشمە، يەنە. ئۇ ئەتكەسچىلىك قىلىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ، ھاۋا تاپان بولۇپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈرەش، مۇسابىقىلاردا، مۇنازىرە، رىقابەتلەردە قارشى تەرەپ، رەقىب، مۇخالىپلارنى يەڭمەك، غەلىبە قىلماق.
<يېڭىلمەك> ئەڭ ئومۇمىي.
<مەغلۇپ بولماق> يېزىق تىلىدا، قالغانلىرى ئېغىز تىلىدا كېلىدۇ.
دۈشمەننى سەل چاغلىغان ئادەم ئاسانلا يېڭىلىپ قالىدۇ. ئەر يېڭىلسە قولغا چۈشىدۇ. قۇش يېڭىلسە تورغا. يېڭىلگەنگە جازا يوق. بىرى ئۇتۇلمىسا، بىرى ئۇتماس. ئۇتتۇرغان ئويۇندىن قاچار. مەغلۇپ بولۇشتىن قورقما، ئاخىر غەلىبە قىلىسەن. ئۇ مەنمەنىلىك قىلىپ، ئاخىر ئوڭدا چۈشتى. پاخشە بولغانلار بۇ ياققا ئۆتسۇن. ھە، ۋاك دېدىڭمۇ؟ مانا ئەمدى ئۇ تېكىدىن چىقتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مەغلۇپ بولماق، يېڭىلمەك؛ خاراب بولماق، ۋەيران بولماق.
- ئەپلەپ ئىش تۇت، بولمىسا ھېلىقى ھېكىم دېگىنى يامان نېمە، ئوڭدا چۈشمە يەنە، - دېدى ئۇ ئەخمەتكە نەسىھەت قىلىپ.