Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوچۇق ئاشكارا
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەممىگە مەلۇم، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرغان.
يوشۇرۇن، پىنھان، مەخپىي، خۇپىيانە، يەڭ ئىچىدە
باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرمايدىغان.
ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. ئاشكارا ئىشقا پايلاقچى كەتمەيدۇ. ئۆشكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھايت - ھۇيت. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ياخشى. ئوچۇق - ئاشكارا بول. يوشۇرۇن قىلغان ياخشىلىق ئاشكارا يانار. مۇھەببەتنى پىنھان تۇت. مەخپىي ئىش ئاشكارا بولسا، زىيان چوڭ بولىدۇ. دوستۇڭدىن سىرىڭنى خۇپىيانە تۇتما. ئۇ ئىشنى يەڭ ئىچىدە پۈتتۈردۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئوچۇق ۋە ئاشكارا، كۆڭلىدىكىنى يوشۇرمايدىغان.
ئوچۇق - ئاشكارا ئىش قىلماق.