Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوچۇق يەر تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
敞地制
chǎng dì zhì
ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر خىل يەر ئىشلىتىش ئادىتى. يەنى فېئودال خوجىلىق يەر ئىگىلىرىنىڭ يېرى (بىۋاستە خوجىلىق يەر دەپمۇ ئاتالغان) بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۈلۈش يېرى ئەتىيازدا تېرىلىدىغان يەر، كۈزدە تېرىلىدىغان يەر ۋە شۈدىگەر قىلىنغان يەردىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ، سالا ئېتىز قىلىنغان ھەمدە ھەر يىلى نۆۋەت بويىچە ئالماشتۇرۇپ تېرىلغان. شۈدىگەر قىلىنغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى يايلاق قىلىنىپ، جامائەت تەرىپىدىن ئورتاق ئىشلىتىلگەن. تېرىلغۇ يەرلەر، مەيلى ئۇ بىۋاستە خوجىلىق يەر ياكى دېھقانلارنىڭ ئۈلۈش يېرى بولسۇن، ھوسۇلنى يىغىۋالغاندىن تارتىپ يەنە بىر قېتىم تېرىغانغا قەدەر، ئېتىز چېگرىسىدىكى قاشالار ئېلىۋېتىلىپ يايلاق قىلىپ ئورتاق ئىشلىتىلگەن. ئوچۇق يەر تۈزۈمىنىڭ قالدۇقى يېقىنقى زامانغىچە ساقلانغان، ئەنگلىيىدە تاكى ⅨⅩ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان.