Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوبرۇچېۋ
دۇنيا تارىخى
(1863 - 1956) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق گېئولوگ ۋە جۇغراپىيەشۇناس. پېتېربۇرگ كان شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن موسكۋا كان شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گېئولوگىيىسى ۋە جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان. مېتال كانلىرى بىئولوگىيىسى، قۇرۇلما گېئولوگىيىسى، يەر كۆرۈنۈشى ئىلىمى، جۇغراپىيە قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. <سىبىرىيىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەتقىقات تارىخى>، <گېئولوگىيە قائىدىلىرى>، <كان ئىلمى> قاتارلىق ئەسەلىرى بار.