Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوبرادوۋىچ
دائىرە: دۇنيا تارىخى奥勃拉多维奇
ào bó lā duō wéi qí
(1742 - 1811)، سېربىيە جەمئىيەت ئەربابى، مەرىپەتچى، مائارىپچى. ھۈنەر ئۆگەنگەن، روھانىي بولغان، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە گېرمانىيە داشۆسىدە دەرس ئاڭلىغان. 1807 - يىلى بىلگرادتا داشۆدە قۇرغان. 1811 - يىلى سېربىيىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى بولغان. سېربىيىنىڭ ئەدەبىي تىلىنىڭ يەرلىك دىئالېكت بىلەن بىردەك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. <نورمال ئەقلىي پاراسەت>، <كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان خىلمۇ خىل ئەسەرلەر توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئېزوپ مەسەللىرى ۋە باشقا مەسەللەرنى تەرجىمە قىلغان. ئەسەرلىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، دىنىي ئەنئەنىلەردىن ئادا - جۇدا بولۇش، دىنىي زۇلمەت ۋە خۇراپىيىلىق بىلەن كۈرەش قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ، دەھرىي ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئۇلىنى سالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.