Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوڭاي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىشقا ئانچە كۈچ كەتمەيدىغان، تەسنىڭ تەتۈرى.
بىلمەك تەس، قىلماق ئاسان. ئاشىقلىق ئاسان، جۇدالىق تەس. ئىشنى باشلاشنى بىلسەڭ،ئاياغلاشتۇرۇشۇڭ ئوڭاي. ئوڭاي ئىشەنگەن _ ئوڭاي ئۆلگەن. قولاي شارائىتنى قولدىن بەرمە. ئوڭ ئىش _ ئوڭاي ئىش.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قىلىشقا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كەتمەيدىغان.
تەس، قىيىن، مۈشكۈل
قىلىشقا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كېتىدىغان.
ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇش ئاسان، ئادەم بولۇپ ياشاش تەس. موللا بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس. ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلالىساڭ قىيىنى. جان بېقىش ئوڭاي، جانغا راھەت تېپىش قىيىن. ئوڭاي ئىشەنگەن ئۆڭاي ئۆلىدۇ. موماي؛ مۈشكۈل ئىشىمنى ئاسان قىل، دەپ تىلەك تىلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قىيىن، مۈشكۈل ئەمەس؛ ئاسان.
ئوڭاي ئىش. ئوڭاي مەسىلە.
ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەر ئوڭاي يېشىلىپ، ئېنىق ھەل بولاتتى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قولايلىق، ئاسان
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مۇلايىم، سىلىق، يۇمشاق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مۇشتىرى (يۇپىتېر) يۇلتۇزى