Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېنزىملارنىڭ ئۆزگەرتكەن سانى
بىئولوگىيە
1 مول ئېنزىمنىڭ 1 مىنۇت ئىچىدە ئۆزگەرتكەن ئاساسىي ماددىسىنىڭ مول سانى، لېكىن ئۆزگەتكەن سانى پەقەت مولېكۇلا ئېغىرلىقى مەلۇم بولغان ئېنزىملار ئېنىقلىنىدۇ. مولېكۇلا ئېغىرلىقى نامەلۇم بولغان ئېنزىملارنىڭكىنى پەقەت مۆلچەرلەش مۇمكىن، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا ئېنىقلانغان ئۆزگەرتكەن سانى ئانچە توغرا بولمايدۇ. ئۆزگەرتكەن سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئېنزىم ئادەم قېنىدىكى كاربونات كىسلاتا ئانگېدرىدازا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگەرتكەن سانى 91 مىليون، بەش بىر مول كاربونات كىسلاتا ئانگېدرىدازا مولېكۇلىسى 1 مىنۇت ئىچىدە 19 مىليون مول كاربونات كىسلاتا ئانگېدرىدىنى CO2 ۋە H2O ا ئايلاندۇرىدۇ، بەدەندە بۇ ئېنزىمنىڭ ئۆزگەرتكەن سانى مۇشۇنداق يۇقىرى بولغاندىلا ئاندىن قاندىكى بۇففېرلاش ئىقتىدارىغا ماسلىشالايدۇ.