Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېنزىم
بىئولوگىيە
酶
méi
تىرىك ھۈجەيرىلىرىدە ھاسىل بولىدىغان ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە مەخسۇس كاتالىزلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ ئچىكى ئامىللىرىنى تەڭشەيدىغان ئالاھىدە ئاقسىل. بۇ خىل كاتالىزلاش ئىقتىدارى يەنى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىدۇر. جانلىقلار تېنىدىكى خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئېنزىملارنىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئانئورگانىك كاتالىزاتورلارغا ئوخشاش ئېنزىم رېئاكسىيىسىنى پەقەت ئەركىن ئېنېرگىيىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ يۈرگۈزۈپ، مۇۋازىنەتلىشىشكە كېرەك بولىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىشى مۇمكىن ئەمما مۇۋازىنەت كونستانتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. رېئاكسىيىنىڭ ئاكتىۋاتسىيە ئېنېرگىيىسى (<ئاكتىۋاتسىيە ئېنېرگىيىسى> گە قاراڭ) نى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق رېئاكسىيە تېزلىكىنى ئاشۇرىدۇ. ئانئورگانىك كاتالىزاتورلار بىلەن ئوخشىماسلىقى شۇكى، ئېنزىملارنىڭ ئاساسىي ماددىغا نىسبەتەن تەسىر قىلىشى مەخسۇسلۇققا ئىگە، كاتالىزلاش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقلىقى (مولېكۇلىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ كاتالىزلاش تېزلىكى ئانئورگانىك كاتالىزاتورلاردىن 10 7 - 10 13 تېز بولىدۇ)، ئىسسىققا چىدامسىزلىقى، كىسلاتا، ئىشقارلاردا ئاسانلا تورمۇزلىنىشى ياكى ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت، ئېنزىملارنىڭ تېزلىتىشىدىكى رېئاكسىيىلەر ئومۇمەن ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىكى بېسىم، نېيترالغا يېقىن سۇلۇق ئېرىتمىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1961 - يىلىدىكى خەلقئارا بىئو خىمىيە يىغىنى ئېنزىمولوگىيە كومىتېتى (EC) نىڭ نام بېرىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، كاتالىزلاش خۇسۇسىيىتىنى ئاساس قىلىپ ئېنزىملار: (1) ئوكسىدازا ۋە رېدۇكتازىلار، (2) ترانسىفېرازىلار، (3) گىدرولازىلار، (4) لىئازىلار، (5) ئىزومېرازىلار، (6) سىنتېتازىلاردىن ئىبارەت ئالتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان 003 خىلدەك ئېنزىملىق ياسالمىنىڭ كۆپ قىسمى داۋالاشتا قوللىنىلماقتا، مەسىلەن، ئۇرېيەكىنازا، فىبرولىزىنازىلار قان نۆكچىسىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك دورىلاردۇر. گىستىدىنازا ئاق قان كېسىلىگە قارشى بولغان يېڭى دورا، گلۇتاتىئونازا، ئاسپاراگىنازىغا قارىغاندا راكقا قارشى ئاكتىپلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان دورا. بىر قىسىم ئېنزىملار، مەسىلەن، ئامىلازا (كراخمال ئېنزىمى)، پروتېئىنازا (ئاقسىل ئېنزىمى) لار توقۇمچىلىق، تېرىچىلىك سانائىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
خىمىيە,ئېلېكترون، ئۇچۇر,تېببىي,ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك
酶
méi