Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىنتىزار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈتۈش، زارىقىپ كۈتۈش؛ كۈتكۈچى، ئىنتىزار:
يوقتۇرۇر بىرەھىم، زالىم بىر ئانىڭدەك دەھر ئارا،
يولىدا ئاقاردى كۆزۈم ئىنتىزارىم بىلمەدى.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈتمەك، كۆز تىكمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەلەپ، ئۆتۈنچ.
كەلگەن دوستقا تار بولساڭ، كېلەر دوستقا زار بولىسەن. دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەردكە ئىنتىزار بولما. نائەھلىگە مۇشتاق بولما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆرۈشۈشكە ياكى ئېرىشىشكە تەشنالىق ھېسسى.
بىزار
يىرگىنچ ھېسسى.
بېلىقچى تاڭغا ئىنتىزار، ئوۋچى ئىتىنى ماختار. بىرى كۈن نۇرىغا چۆمۈلىسە، بىرى ئاي نۇرىغا زار. دىلئازاردىن خۇدا بىزار. قېرىنداشلارنىڭ ئارازى بار، بىزارى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تەقەززا بولۇش، كۈتۈش.
سىزنىڭ تېزراق قايتىپ كېلىشىڭىزگە ئىنتىزار بولغانىدىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كۈتمەك، تەقەززالىق