Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىنساپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ كىشىلەر، جامائەتچىلىك ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى.
ۋىجداننىڭ يوقلۇقىدىن ئېچىنىشلىق ئىش يوق. ۋىجدان ئازابى. ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ. ۋىجدانى قاينىماق. ۋىجدان ئىنساننى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئادىل تارازا. ئادەمدىن يوشۇرغىنىڭ بىلەن ۋىجدانغا باش ئۇرۇسەن. ئار - نومۇسنى بىلگەن ئابروينى قەدىرلەشنى بىلىدۇ. ھېساب ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى ئىنساب ئۆگەن. ئوغرى بولساڭ، ئىنساپ بىلەن بول، قازىنىنى ئالساڭ تۇۋىقىنى قوي. ساڭا ئىنساپ - تەۋپىق كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھەر قانداق ئىشنى ئادالەت ۋە ۋىجادان بىلەن قىلىش تۇيغۇسى، قابىلىيىتى؛ توغرىلىق، ئادىللىق، ھالاللىق؛ رەھىمدىللىق.
ئىنساپ بىلەن ئىش قىلماق.