Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېنگېلمان
دائىرە: دۇنيا تارىخى恩格尔曼
ēn gé ěr màn
(1854 - 1916) ۋېنگرىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى، ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچىسى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. تۈنىكىچىلىك قىلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاۋسترىيە ۋە گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1884 - يىلى ۋېنگرىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1889 - يىلى بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. 1890 - يىلى 12 - ئايدا ۋېنگرىيە سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان، 1893 - يىلى 1 - ئايدا ئاغمىچىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ پارتىيىدىن چىقىرىلغان. ياندۇرقى يىلى 1 - ئايدا ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغان، 5 - ئايدا يەنە سوتسىئال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە بۇ پارتىيىنىڭ سولچى يولباشچىسى بولغان. 1905 - يىلىدىن كېيىن ئاستا - ئاستا بۇرژئا رادىكالچىلىق تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.