Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىندىئان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ ئىسىمنى كولۇمبو (Gristoforo Colombo 1451 - 1506) ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئاھالىلارغا ئىسىم قىلىپ قويغان. كېيىن بۇ ئۇلارنىڭ رەسمىي مىللەت نامى بولۇپ قالغان. ئىندىئانلارنىڭ تېرىسى قىزىلغا مايىل قارا بولۇپ، ئىلگىرى قىزىل ئىرقتىكىلەر دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئولتۇراقلاشقان.