Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىندىۋىدۇئاللىق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى. يازغۇچى ئىندىۋىدۇئاللىقى روشەن بولغان تىپىك ئوبرازىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پېرسۇناژلارنىڭ ئورتاقلىقىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان شەخسىي ئالاھىدىلىكلىرىگە قارىتا تاللاش، مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. پېرسوناژنىڭ "نېمە قىلىۋاتقانلىقى "نىلا ئىپادىلەپ قالماستىن ،"قانداق قىلىۋاتقانلىقى"نىمۇ ئىپادىلەيدۇ ۋە ئاخىرىدا پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى ئۆزىنىڭ كونكرېت ھەرىكەت شەكلى، چىراي قىياپىتى، پىسخىكا ئالاھىدىكى ، تۇرمۇش يولى، سۆزلەش ئادىتى، قىزىقىش، مىجەز - خولقى ئېنىق بولغان "ئايرىم بىر ئادەم"قىلىپ چىقىدۇ، مانا بولار ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇش دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<پسىخول> كىشىنىڭ مەلۇم ئىجتىمائىي شارائىت ۋە تەربىيە ئارقىسىدا شەكىللەنگەن بىر قەدەر تۇراقلىق خۇسۇسىيىتى.
<ئەد> ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكى.