Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىنچىكە ئۈچەي تىۋىتى
بىئولوگىيە
小肠绒毛
xiǎochángróngmáo
ئىنچىكە ئۈچەي شىللىق پەردىسىدىكى كىچىك بارماقسىمان ئۇششاق مىكرو ئۆسۈكچىلەر تىۋىت دېيىلىدۇ. تەۋرىنەلەيدۇ ھەم ئۇزىراپ قىسقىراش ھەرىكىتى قىلالايدۇ. تىۋىتلىرىنىڭ سىرتقى يۈزى بىر قەۋەت تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىدىن ئىبارەت. ھۈجەيرىلەرنىڭ چوققا قىسمىدىكى ھۈجەيرە پەردىلىرى يەنە سىرتقا بۆرتۈپ چىقىپ مىكرو تىۋىتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئىنچىكە ئۈچەي تىۋىتلىرىدە سىلىق مۇسكۇل تالالىرى، نېرۋا چىگىشلىرى، كاپىلليار قان تومۇرلار، لىمفا كاپىلليار تومۇرلىرى قاتارلىق توقۇلمىلار بولىدۇ. تىۋىتلەرنىڭ سىلىق مۇسكۇل تالالىرى قىسقىرىغاندا تىۋىتلار قىسقىراپ تىۋىت ئىچىدىكى قان ۋە لىمفالارنى قىسىپ تىۋىتتىن چىقىرىۋېتىدۇ. تىۋىت ئۇزارغاندا ئۈچەيدىكى ماددىلارنىڭ تىۋىتقا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ، شۇڭا ھەزىم قىلىش مەزگىلدە تىۋىتلىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ قىسقىراپ تەۋرىنىش ھەرىكىتىنى ئۆتەش ئارقىلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىنچىكە ئۈچەيدە سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەملىشىدۇ.