Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىمپېراتور ئالېكساندر
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 356 - 323) ماكىدونىيە پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 336 - 323)، ئالېكساندر ئىمپېرىيىسىنى قۇرغۇچى (<ئىمپېراتور>). فىلىپ Ⅱ نىڭ ئوغلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن دەپمۇ ئاتالغان. ئانىسى ئولىمپىيە ئېپرۇس پادىشاھلىقىنىڭ مەلىكىسى. ماكىدونىيىنىڭ پايتەختى پېلادا تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا، ئوردىدا پەيلاسوپ ئارىستوتېلنى ئۇستاز تۇتۇپ، پاخشى تەربىيە ئالغان؛ يۇنان ئەدەبىياتىغا قىزىققان. ئۆزىنى دائىم رىۋايەتتىكى قەھرىمان ئاكىللېسقا سېلىشتۇرغان. 16 يېشىدا دادىسىغا ئەگىشىپ يىراققا يۈرۈش قىلغان، 18 يېشىدا خېرونىيە ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. فىلىپ تەختكە چىقىپ، يۇناننىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىدىكى ماكىدونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، تېبېس شەھىرىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، شەرققە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغان. مىلادىدىن 334 يىل ئىلگىرى، لەشكەر (تەخمىنەن 35 مىڭ ئادەم) تارتىپ، ھېللېپونتتىن ئۆتۈپ، كىچىك ئاسىياغا باستۇرۇپ كىرىپ، گرانىكۇ دەرياسىنىڭ يېنىدا پېرسىيە لەشكەرلىرىنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئارقىدىنلا كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنى ئىگىلىگەن. غەلىبىسېرى جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پۇقرالارنى <ئازاد قىلىمىز> دەپ جار سالغان. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى سىلېزىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسسوس شەھىرىدە پېرسىيە پادىشاھى دارىئۇس Ⅲ نى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرىنى ئەسىر ئالغان. سۈرىيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تىر شەھىرى (فىنىكىيە) نى يەتتە ئاي مۇھاسىرە قىلىپ، شەھەرنى ئېلىپ، ۋەيران قىلغان، 30 مىڭ ئاھالىنى قۇل قىلغان. پېرسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن ئېگېي دېڭىزىدىكى فلوتنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، مىلادىدىن 332 يىل ئىلگىرى توپتوغرا مىسىرغا بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنى قۇياش خۇداسى <ئامۇننىڭ ئوغلى> دەپ ئاتاپ، مىسىرنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەرلىك ئاقسۆڭەك ۋە راھىبلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ غەربىدىكى ئالېكساندرىيە شەھىرىنى ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرۈپ ۋە لايىھىلەپ قۇرۇپ چىققان. قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، شەرققە كېلىپ ئىككى دەريا ۋادىسى رايونىغا باستۇرۇپ كىرگەن. مىلادىدىن 331 يىل ئىلگىرى يازدا گاۋگا مېلادا پېرسىيە قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىپ، غەلىبە قىلغان؛ دارىئۇس Ⅲ شەرققە قېچىپ كېتىپ، ۋەزىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئەھمەنىلەر خاندانلىقى ھالاك بولغان (330 يىل ئىلگىرى)، بابىلون، سۇسا، پېرىسېپولىس ۋە پېرسىيىنىڭ ئېكباتانادىكى ھەرقايسى خان سارايلىرىدىن 015 مىڭ تالانتون قىممىتىدىكى غايەت زور ئالتۇن - كۈمۈش ۋە بايلىقنى بۇلاپ كەتكەن. داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى سوگرىئانالىق سپتامېن قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان چاغدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى يىل توختاپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. مىلادىدىن 327 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 326) يىل ئافغانىستاندىن جەنۇبقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، گىفاسىس دەرياسى (پەنجاپتا) غىچە يېتىپ بېرىپ، گانگ دەرياسىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكچى بولغان. ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشالماسلىق، لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتىن بىزار بولۇپ، يۇرتىنى سېغىنىش، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىلگىرىلەشكە ئىمكانىيەت بولماي قالغان. مىلادىدىن 325 يىل ئىلگىرى ئۆزى قۇرۇقلۇق لەشكەرلىرىنى، نېئاكۇس فلوتىنى باشلاپ، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق يولى بىلەن چېكىنىپ، ئىككىنچى يىلى بابىلونغا قايتىپ كەلگەن، شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربتە بالقان يېرىم ئارىلىغىچە، جەنۇبتا نىل دەرياسىنىڭ بىرىنچى شارقىراتمىسىدىن شەرقتە دۇناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغىچە بولغان كەڭ زېمىنىدا <ئالېكساندرىيە ئىمپېرىيىسى> نى قۇرۇپ چىققان. پېرسىيىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن مۇستەبىتلىك تۈزۈلمىسىنى قوللىنىپ، ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇغان ۋە پۇقرالارنى ئۆزىگە چوقۇنۇشقا بۇيرۇغان؛ يەرلىك يۇقرى تەبىقە كىشىلىرىنى ئەمەلدارلىققا تەيىنلەپ، سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىنى شەرق ئاياللىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرگەن (ئۇنىڭ ئۆزىمۇ باكتېراىيىلىك ئاقسۆڭەك روكسانا بىلەن توي قىلغان). شەرققە يۈرۈش قىلىش جەريانى يۇنان بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، لېكىن جايلاردىكى خەلقلەرگە بۇزغۇنچىلىق ۋە بالايىئاپەتلەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەن، ئىمپېرىيە مۇستەھكەم بولمىغان ھەربىي ۋە مەمۇرىيەتنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي ئاساس كەمچىل بولغان. مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر بابىلوندا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان، ئىمپېرىيىمۇ تېزلك بىلەن يىمىرىلگەن؛ ئىمپېرىيە زېمىنىدا ئۇزاق مۇددەتلىك قالايمىقان ئۇرۇشلار ئارقىلىق <يۇنانلاشتۇرۇلغان> دۆلەتلەر مەيدانغا كەلگەن. ئالېكساندر تارىختىكى مەشھۇر ھەربىي ئالىمنىڭ بىرى، ئۇ شەرققە يۈرۈش قىلىش داۋامىدا مىسىردىكى ئالېكساندرىيە شەھىرىدىن باشقا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلاردا يەنە ئون نەچچە شەھەر قۇرۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە <ئالېكساندرىيە> دەپ نام بەرگەن.