Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىمىن ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىككىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى گۇپا بەگ 1709 - يىلى 4 - ئايدا 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىككە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ، 1711 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن 1711 - يىلى دادىسى گۇپا بەگنىڭ 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىككە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ، 1711 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن 1711 - يىلى دادىسى گۇپا بەگنىڭ 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ قۇمۇل شەھەر ئىچى ئوردا خانى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. ئىمىن ۋاڭ ھەربىي ماھارەتتە پىشقان بولۇپ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ ئوقيا ئېتىپ مەشىق قىلىش مەيدانى شەھەرنىڭ سىرتىدا ئون موغا يېقىن جاينى ئىگىلىگەنىدى. 1715 - يىلى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىدىن سەۋاڭ ئارابدان قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. ئىمىن ۋاڭ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ، چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى مۇداپىئە قوشۇنىدىن 200 كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇرۇشتا ئىمىن ۋاڭ ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ. كاڭشى خان بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمىن ۋاڭ ۋە باشقىلارنى 15 مىڭ سەر تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. پۇقرالارغا ئاشلىق، قوي، كالا، تۈرلۈك كىيىم - كېچەكلىك رەخت ئىنئام قىلىدۇ. 1718 - يىلى ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر تۈركۈم دېھقانلارنى تاشۋېلىققا (تالناچىنغا)، 1722 - يىلى 400 كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئىمىن ۋاڭ چيەنلۇڭنىڭ 4 - يىلى (1740 - يىلى) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋاپات بولىدۇ.
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سۇلتان مامۇت ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بەگ لۈكچۈننىڭ ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
1902 - يىلى پىچان رەسمىي ناھىيە بولۇپ قۇرۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدە لۈكچۈن ۋاڭلىقى چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئوتۇغات قىلىپ بېرىلگەن بىر قۇرۇق ئۇنۋانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ۋاڭغا قاراشلىق يەرگە ئىشلەيدىغان دېھقانلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوتاقچى دېھقانلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئىمىن ۋاڭ باشلىق لۈكچۈن ۋاڭ ئەۋلادلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھىمايىسىدا، يەر ئىجارىسى، سۇ ھەققىنى ئاشۇرۇپ ۋە سۇ، كارىز، يەر سېتىۋېلىپ بايلىق توپلاشقا كىرىشىدۇ.
ئىمىن ۋاڭ تەختكە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 1904 - يىلى قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتنىڭ قىزى فۇجۇڭ خېنىمغا ئۆيلىنىدۇ. بۇ توي خەلقنىڭ قان - تەرى بەدىلى بىلەن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىمىن ۋاڭلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كەيپ - ساپالىق، ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپ كېتىدۇ. كېيىنچە ئەپيۇن چېكىشنى ئۆگىنىپ، ۋاڭلىقنىڭ نۇرغۇن بايلىقى ۋە مال - مۈلۈكنى كۈلگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.
خورلۇق، ئېزىلىشكە چىدىمىغان تۇيۇق، ياڭخې خەلقلىرى 1909 - يىلى ياڭخېلىق ئامىر دورغا باشچىلىقىدا ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، لۈكچۈن ۋاڭلىق ئوردىسىغا يەنە بىر قېتىم باستۇرۇپ كىرىدۇ. تۇرپاندىكى چېرىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قوزغىلاڭ باستۇرۇلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ لۈكچۈن تارىخىدا «ئامىر يېغىلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.
1931 - يىلى 3 - ئايدا يەنە بىر قېتىم قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. تۇرپان، پىچان، توقسۇنلارغىچە كېڭىيىدۇ. ئاستانىلىك مەخسۇت مۇھىتى 1932 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تۇرپان، پىچان، لۈكچۈن، توقسۇنلاردىكى خەلقنى تەشكىللەپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ماسلىشىدۇ. بۇ چاغدا ئىمىن ۋاڭنىڭ ئوغلى مەتسايىت ۋاڭ قۇمۇل، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى تەرەپتە تۇرىدۇ. 1933 - يىلى 2 - ئايدا جىن شۇرېن ئۆلكە قىسىملىرى ۋە پىتىراپ يۈرگەن قاچقۇن رۇس ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ، لۈكچۈندە تۇرۇۋاتقان قۇمۇل - تۇرپان قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا، جىن شۇرېن قوشۇنلىرى ۋە ئاق رۇس ئەسكەرلىرى لۈكچۈن خەلقىنى قانلىق قىرغىن قىلىدۇ، ئاممىنى بۇلاپ تالايدۇ، لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسىغا ئوت قويۇۋېتىدۇ. ئىمىن ۋاڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بىلەن ئوردىدا كۆيۈپ ئۆلىدۇ.