Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېممانۇئېل
دۇنيا تارىخى
(1759 - 1824) ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (1802 - 1821). 1793 - 1796 - يىللىرى ساردىنىيە قوشۇنىغا قوماندانلق قىلىپ فرانسىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان، ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزاققىچە ساردىنىيە ئارىلىدا تۇرغان. 1802 - يىلى ئاكىسى ئىممانۇئېل (1751 - 1819) نىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1814 - يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى بەربات بولغاندىن كېيىن، تورىنغا قايتىپ بارغان. ياندۇرقى يىلى ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئەسلىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە گېنۇيە قاتارلىق جايلار قوشۇپ بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە 1798 - يىلىدىن ئىلگىرىكى ئەمر - پەرمانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئوردا ۋە كورۇلنىڭ فېئوداللىق ھوقۇقىنى قوغداپ قالماقچى بولغان. 1821 - يىلى 3 - ئايدا پىيېمونتتا بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلاپ، ھۆكۈمەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئورنىنى فېلىكىس (1765 - 1831) كە ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەمدە ئالبېرتنى نائىب قىلغان.
دۇنيا تارىخى
ئېممانۇئېل Ⅰ، 爱麦虞限一世< گە قاراڭ.
دۇنيا تارىخى
ئېممانۇئېل Ⅱ، 爱麦虞限二世> گە قاراڭ.
دۇنيا تارىخى
ئېممانۇئېل Ⅲ، 爱麦虞限三世< گە قاراڭ.
دۇنيا تارىخى
(1869 - 1947). ئېتالىيە كورۇلى (1900 - 1946). ئېبتو Ⅰ نىڭ ئوغلى. نېئاپولدا تۇغۇلغان. نېئاپول شاھزادىسى دەپ ئاتالغان. 1887 - يىلى ئەسكەرلىككە كىرگەن. 1896 - يىلى مونتېنېگرو كورۇلىنىڭ قىزى ھېلېننا بىلەن توي قىلغان. 1900 - يىلى دادىسى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقتىن تەدرىجىي ئايرىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، كېيىن ئانتانتا دۆلەتلەر تەرەپكە قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان. 1922 - يىلى مۇسسۇلىننىڭ رىمغا يۈرۈش قىلىشىغا قوشۇلۇپ، فاشىستلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىۋېلىشىغا يول قويغان. سىرتقا قىلىنغان تاجاۋۇز ۋاقىتلىق غەلىبىگە ئىگە بولغاندا، 1936 - 1943 - يىللىرى ئۆزىنى ئېفىئوپىيەنىڭ پادىشاھى داۋالغان، 1939 - 1943 - يىللىرى ئۆزىن ئالبانىيەنىڭ پادىشاھى دۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە، 1943 - يىلى 7 - ئايدا مۇسسۇلىننى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور قىلغان، لېكىن ساۋوي خاندانلىقىنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن. 9461 - يىلى 5 - ئايدا ئورنىنى ئوغلى ئېبتو Ⅱ گە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئىككىنچى يىلى مىسىردا ئۆلگەن.