Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىمكان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇمكىنلىك، مۇمكىنچىلىك، ئىمكانيەت؛ ئېھتىمال:
كۈچ، قۇۋۋەت، مادار، تاقەت:
1. لەبىڭدە ئاستىن - ئۈستۈن ئىككى خالىڭ جانغە ئىككى داغ،
نە ئىمكان بولغاي ئول سەيئى ئىلە ئىككى نۇقتەسىدەك ھەك.
ئەرشى.
2. دوستلار يەتتى دىلىمغە ھەر زەمان يۈزمىڭ شىكەست،
قالمادى شەرم يۈزۈمدە، تەندە ئىمكانىم مېنىڭ.
موللا بىلال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت ئۈچۈن زۆرۈر ۋە قولاي شارائىت.
ئەقىللىق دۈشمەندىن پايدا كېلىش ئىمكانى بار، نادان دوستتىن زىيان. ئىمكانىيەت يار بەرسە، يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلغۇم بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
← ئىمكانىيەت.
ئىمكان بەرمەك. ئىمكان يار بەرمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىقتىدار، مۇمكىنچىلىك