Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىمان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىېتقاد، ئىشەنچ، ئىمان:
شەۋقى غەمكىن بولماغىل شايەدكى ئىمانىڭ قەبۇل،
نېئمەتى ئىمان جەزاسى باغ رىزۋانىمغە ئەرز.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىشەنچ، ئېتىقاد.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە ھەق دەپ ھۈرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەت تاپقان روھىي ھالەت.
<ئىمان> دىنغا دائىر.
ئىشەنچ كامىل بولسا، يېڭىشمۇ كامىل. ئىشەنچ سەككىز تاغنى قوزغايدۇ. تۇرمۇشقا ئېتىمات لازىم. ئېتىماتنىڭ يوقىلىشى ئەڭ چوڭ دۈشمەن. بىلىم بىلەن بولار ئادەمدە ئىمان، بىلىم بىلەن دىۋىنى باغلىماق ئاسان. ھەق - ھوقۇقىمىزنى ئالالىشىمىزغا ئىمانىم كامىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىشەنگەن ۋە قايىل بولغان روھىي - ھالەت.
شەك، شۈبھە، گۇمان
ئىشەنمىگەن، دېلىغۇل بولغان روھىي - ھالەت.
ھەقىقىي ھاياتلىقتا ھەربىر ئۇلۇغۋار ئىش ئىشەنچتىن باشلىنىدۇ، ئىشەنچ ئارقىلىق بىرىنچى قەدەم تاشلىنىدۇ. ئېتىقاد بولسا، شۈبھە يوقىلىدۇ. نان - ئىمان، ناننىڭ يوقى يامان. گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ. ئانىنىڭ مېھرىگە شەك يوق. شۈبھە دوستلۇقنى بۇزىدۇ. بېگىمدىن گۇمان بولدى، ماڭا ئۇۋال بولدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى ئېتىقاد قىلىش، ئىشىنىش، بىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللا تەرىپىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىنغان ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە ئىشىنىشى ۋە ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇتەكەللىمۇنلار دىننىڭ ئاساسىي پرىنسىپىنى ئىمان، ئىبادەت ۋە ئېھساندىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىپ، ئىمان بىلەن ئېھسان ۋە ئاللاغا بويسۇنۇش بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن؛ <ئەئرابىلار ئىمان ئېيتتۇق> دەيدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، <(تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر بويسۇندۇق دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى> (49 - سۈرىنىڭ 14 - بېتىدىن). كىشىلەر ئارىسىدا ئىماننىڭ مىقدار پەرقى بولامدۇ - يوق ۋە بىر ئادەمدە كۆپىيىش ياكى كېمىيىش مەسىلىسى بولامدۇ - يوق، دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇتەكەللىمۇنلاردا ئۇزۇندىن نۇرغۇن تالاش - تارتىش بولدى. خاۋارىجلارنىڭ قارىشىچە، كىشىدە ئىمان ھەم كۆپىيىدۇ، ھەم ئازىيىدى. كەلىمە تەييىبەنىڭ بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ. ئىمان ئەمەلنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. گۇناھكار ئىماندىن ئايرىپ قالىدۇ؛ مۇرجىئەلەرنىڭ قارىشىچە، ئىمان ئىنساندا مۇھىم بولۇپ، كۆپىيىش - ئازىيىش بولمايدۇ. ئەمەلنىڭ ئىمان بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. گۇناھ سادىر قىلغۇچىغا مەھشەرگاھدىكى سوراقتا ئاللا ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ قارىشىچە، گۇناھى كەبىر سادىر قىلغۇچىلار ھەم ئىمانلىق ئەمەس، ھەم ئىمانسىز ئەمەس بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ؛ ئەشئەرىيلەر ئىمان سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئىككىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئۇ ئېشىپ ياكى كېمىيىپ تۇرىدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇرتەزا ئەنسارى مۇنداق دەيدۇ: ئىمان ئىدراكقا ئوخشىمايدۇ. ئۇ نىيەت ساھەسىدە يەنى ئىنسان ئېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سىرلىق ھېسسىياتنىڭ مەركىزىدە بولىدۇ. ئۇنى ئىدراك بىلەن سېلىشتۇرغىلى، ئارىلاشتۇرۇۋەتكىلى بولمايدۇ، بەزى مەزھەپلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمان تەسدىد (دىلدا چۈشىنىش)، ئىقرار، ئىپادىلەش ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، ئىمان <دىلدىكى نۇر> بولۇپ، <دىلدا ئىخلاس قىلىش، تىلدا ئوقۇش، تەندە ئەمەل قىلىش> نى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> ئىسلام دىنىدا ئاللاغا، ئاللانىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە بولغان ئىشەنچ، ئېتىقاد، سېغىنىش.
ئىمان ئېيتماق. ئىمان كەلتۈرمەك.
ۋىجدان.
بىز ساڭا قانداق يامانلىق قىلدۇق؟ ئىمانىڭ بىلەن گەپ قىل!