Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىمام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەئىممە. ئىمام، پېشىۋا. نامازغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى:
ياد ئېتىپ دائىم سەھەرلەر ئەيلەسە ئەھۇ فىغان،
تەۋف ئېتىپ يۈرمىش ئىماملارنى كۆڭلۈم ھەر زەمان.
موللا سالېھ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەسچىتكە نامازغا چاقىرىدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر.
<مەزىن> ئەزان ئېيتىدىغان كىشى.
<ئىمام> نامازغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كىشى.
ئىمامنىڭ گۇۋاھچىسى مەزىن. ئىمامغا ئۆمۈر تىلىسە، مەزىنگە ئۆلۈم. مەزىن بىلەن خوراز قورساق ئاچقاندا توۋلايدۇ.
دۇنيا تارىخى
<ئالدىنقى قاتاردا تۇرغۇچى>، <ئاتامان>، <ئۈلگە بولغۇچى>، <ئۆرنەك> دېگەن مەنىلەردە. (1) مۇسۇلمانلار كوللېكتىپ ناماز ئوقۇغاندا نامازخانلارغا باشچىلىق قىلغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. (2) مەسچىتنىڭ دىنىي باشلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (3) ئىسلام دىنى سۈننلا مەزھىپىنىڭ خەلىپىسىنى ئاتىشى (پادىشاھ بىلەن ئوخشاش مەنىدە)؛ مەشھۇر دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئىلمىي فىقھ مەزھەپلىرىگە ئاساس سالغۇچىلارنى ئاتاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. (4) ئىسلام دىنىدىكى شىئەلەرنىڭ ئۆز ئاقساقىلىنى سۈننىلارنىڭ خەلىپىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاتايدىغان نامى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز «سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئادەم»، «باشلىق»، «ئۈلگە» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. (1) جامائەت ناماز ئوقۇغاندا سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ نامازغا باشچىلىق قىلىدىغان ئادەم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىمامنى ۋاقىتلىق سايلاپ قويسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئادەتتە مەسچىتلەردە ئىمام بەلگىلەنگەن بولىدۇ. (2) مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (3) سۈننىي مەزھىپىدە مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيسى «ئىمام» دېيىلىپ، «خەلىپە» بىلەن ئوخشاش مەنىدە قوللىنىدۇ. بۇ مەزھەپتە مەشھۇر دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئەھلى فىقھەنى قۇرغۇچىلار «ئۆلىمالار ۋە ئەھلى فىقھەنى قۇرغۇچىلار «ئىمام» دېيىلىدۇ. (4) شىئە مەزھىپىدە بۇ سۆز ئۆزلىرى ھىمايە قىلغان مەمۇرىي، دىنىي باشقىلارنى ئاتاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلاردا سۈننىي مەزھىپىدىكى خەلىپىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار ھەزرىتى ئەلنى تۇنجى ئىمام، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋارىسلار دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
نامازدا جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ نامازنى باشقۇرغۇچى، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىقتىدا قىلدۇرغۇچى دىنىي شەخس؛ ئاخۇن.
ئىمامنىڭ ئۆمرىنى تىلە، مەزىننىڭ ئۆلىمى (ماقال).
ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى مەزھەپلىرىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ شۇ مەزھىپىگە ئاساس سالغۇچىنىڭ ھۆرمەت نامى.
ئىسلام دىنىدىكى مەشھۇر ئۆلىما - ئالىملارنىڭ ھۆرمەت نامى.
ئىسلام پېشىۋالىرىنىڭ ئۇنۋانى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئالدىدا تۇرغۇچى، يېتەكچى، رەھبەر