Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېلىزابېت
دۇنيا تارىخى
(1533 - 1603) ئەنگلىيە تۇدۇر خانلىقىنىڭ كورۇلىۋاسى (1558 - 1603). دادىسى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅷ، ئانىسى ئاننا بولېيىن. ئۇ تەختتىكى مەزگىلىدە، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1559 - يىل <ئەڭ ئالىي قانۇن لايىھىسى> نى جاكارلاپ، پادىشاھ ئانگلىيكان چېركاۋلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي باشلىقى دېگەننى قايتا تەكىتلىگەن؛ 1571 - يىلى پارلامېنتنى <39 ئەقىدە> نى ماقۇللاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇنى دۆلەت دىنى ئەقىدىسى قىلىپ، ئاخىرى ئەنگلىيە دۆەلەت دىنى ئەقىدىسى قىلىپ، ئاخىرى ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنى تۇرغۇزغان. سودا - سانائەت ۋە دېڭىز قاتنىشى ئىشلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، سودىگەرلەرگە سودا شىركەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن. ئەنگلىيەنىڭ دېڭىز قاراقچىلىق پائالىيىتىنى قوللاپ، ئىسپانىيەنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى پاراكەندە قىلىپ، ئۇنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش توشۇۋاتقان كېمە - پاراخوتلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغۇزغان ھەمدە نىدېرلاندىيە ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەن. شۇڭا، ئەنگلىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 1588 - يىلى، ئىسپانىيەنىڭ ئەنگلىيەگە قارشى يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن <تەڭداشسىز فلوتى> نى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئەنگلىيەنىڭ دېڭىزدىكى ئۈستۈنلۈكىنى تىكلەشكە باشلىغان، قانلىق قانۇن جاكارلارپ، يەر دائىرىلەش ھەرىكتى سەۋەبىدىن يۇرت - ماكاندىن ئايرىلىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن دېھقانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. تەختتىكى مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئامراق ۋەزىر ۋە يېقىن - يورۇقلىرىغا تاۋانى مەخسۇس سېتىش ھوقۇقى بېرىپ، پۇرىتانلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغاچقا، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئېلىزابېت ئۆمۈر بويى توي قىلماي <قىز كورۇلىۋا> دەپ نام ئالغان. ۋاپات بولغاندىن كېيىن پادىشاھلىق تەخت شوتلاندىيە كورۇلىۋاسى جامىس Ⅵ (Ⅰ گە ئۆزگەرتىلگەن) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، تۇدور خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىتوئارت خاندانلىقى ئىگىلىگەن.