Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېلىئوت
دۇنيا تارىخى
(1888 - 1965) ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكىلىق شائىر، دراماتورگ، ئەدەبىي ئوبزورچى. ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى شتاتىدا تۇغۇلغان. خارۋارد داشۆسى، پارىژ داشۆسى ۋە ئوكسىفورد داشۆلىرىدە ئوقۇغان. 1914 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلاشقان. 1917 - يىلى ئەنگلىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1917 - 1919 - يىللىرى <مەنپەئەتپەرەس> ژۇرنىلىدا ياردەمچى تەھرىر بولغان. 1922 - يىلى پەلسەپە ۋە ئەدەبىي ئوبزور پەسىللىك ژۇرنىلى <تەنقىدنىڭ ئۆلچەملىرى> نى چىقىرىپ، ئۆزى باش تەھرىرى بولغان ھەمدە <بوزدالا> قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلاق قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە دىققەت - ئېتىبارنى قوزغىغان. مەشھۇر دراما ئەسىرىدىن: <چوڭ چېركاۋدىك قاتىللىق دېلوسى>، <بىر ئائىلىنىڭ جەم بولۇشى>، <كۆتېئېل ھاراق زىياپىتى>، <پېشقەدەم سىياسىئون> قاتارلىقلار بار. بەزىلەر ئۇلارنى <ھازىرقى زامان سىرلىق تىياتىرى> دەپ ئاتىغان. شېئىرىي تىياتىردا قانلىق تىلنىڭ ئاھاڭدارلىقىغا ۋە يېڭىچە ئوخشىتىشلارغا ئەھمىيەت بەرگەن، ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتا ئەسەرنىڭ ئېستېتىك تەسىرچانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1948 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.