Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىلتىپات ئىزدەپ تاۋاپ قىلىش
دائىرە: دۇنيا تارىخى1536 - 1537 - يىللىرى ئەنگىلىيىنىڭ لىنكولىن، يوركتىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭ. بۇ قوزغىلاڭ دىنىي تاۋاپ قىلىشنى نىقاب قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسەن دېھقانلار ئاممىسىدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅷ نىڭ دىنىي ئىسلاھات سىياسىتىدىن نارازى بولغان كاتولىك مىسسىئونېرلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان، رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەك روبېرت ئاسكې (؟ - 1537). قوزغىلاڭچى دېھقانلار يېزا جامائەسى يەرلىرىنى دائىرىلىۋېلىشنى مەنئى قىلىش، كونا يەر ئىجارە نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھېنرىخ Ⅷ نورفولك گېرتسوگنى ئەۋەتىپ بىر تەرەپتىن ساختىپەزلىك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەكسىيەتچىل قوراللىق قوشۇنىنى يۆتكەپ كېلىپ باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.