Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىلمىي فىقھە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىلمىي تەپسىر، ئىلمىي ھەدىس بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلمى قاتارىدا تۇرىدۇ. فەقىھلەر پەرزنى مۇتائىلە قىلىش، چۈشىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، فىقھە سىستېمىسىنى شەرھلەپ، مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىدىغان مەجبۇرىيەتلەرنى، مەسىلەن، دىنىي مەجبۇرىيەتلەر (ئىمان ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش)، نىكاھ، ئائىلە، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، ئەل ئىچىدىكى سودا پرىنسىپلىرى، جىنايى ئىشلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر، مال - مۈلۈك، توختام، ئەدلىيە سورىقى قاتارلىق ئەھكاملارنى بەلگىلەيدۇ. بۇ قۇرئانغا، ھەدىسكە ۋە فىقھە بىلىملىرىگە پۇختا ئۆلىمالار ۋە مۇجتەھىدلەرگە تەۋە ئىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى، تەپسىرلىرى بۇ ئىلمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھېسابلىنىپ، بۇ ئەسەرلەر ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەرسلىكى ۋە مەھكىمە شەرئىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئاساسى قىلىنىدۇ. دەسلەپكى چاغلاردا ئىلمىي فىقھە ئادەتتىكى فىقھە مەنبەلىرى ئىلمىي ۋە كونكرېت ئەھكامدىن ئىبارەت ئىككى قىسىم مەزموننى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. كېيىن ئىلمىي فىقھە دېگەندە، فەقىھلەر ئىجتىھاد قىلغان فىقھە گەۋدىسى كۆزدە تۇتۇلدى. فەقىھلەرنىڭ فىقھە ئىجتىھادى، تەپسىر قىلىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئوخشىمىغان ئەھلى فىقھەلەر شەكىللەندى. سۈننىي مەزھىپىدە ئەنئەنىچىلەر دەپ قارالغان ھەنەفىيە، مالىكىيە، شافىئىييە، ھەنبەلىيەدىن ئىبارەت تۆت ئىلمىي ئېقىم <تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەھلى راي، ئەھلى كىتاب، ئەھلى سۈننەتكە ئايرىلىدۇ؛ شىئە مەزھىپى (ئون ئىككى ئىمامچىلار) ئىچىدە ئەخبارىيە، ئۇسۇلىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئىلمىي ئېقىم مەۋجۇت بولۇپ، ئۇسۇلىيەنىڭ تەسىرى چوڭراق، خاۋارىجلار نىسىپىي مۇستەقىل ئىلمىي فىقھە ئەنئەنىسىگە ئىگە.