Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىلياگور چاكوۋ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1607) يەنە بىر ئىسمى ئىۋان گورچاۋ. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى روسىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭىنىڭ داھىيىسى. ئەسلىدە مۇرۇم شەھىرىنىڭ سودا - سانائەتچى. 1606 - يىلى يازدا، بوروتىنكوۋ قوزغىلىڭى پارتىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 11 - يىلى ئۆزىنى پادىشاھ فېدور ئىۋانوۋىچ (1584 - 1598 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ <شاھزادىسى> پېتىر دەپ ئاتاپ، ئاستىراخاننىڭ يېنىدىكى تېرەك دېگەن شەھىرىدە دېھقانلار ۋەھاكازالارغا رەھبەرلىك قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چار پادىشاھ ۋاسلىي شۇيىسكنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، 1607 - يىلى 5 - ئايدا بوتوتىنكوۋ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن تۇلا شەھىرىدە ئۇچراشكان. شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە بىللە قارشى تۇرۇپ، جەڭنى تۆت ئاي داۋاملاشتۇرغان. كېيىن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۇفا دەرياسىغا تۇغان سېلىپ، دەريا سۈيىنى تۇلا شەھىرىگە باشلىغاندا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى چار پادىشاھ شۇيىسكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبور بولغان ھەمدە 1607 - يىلى 10 - ئايدا تەسلىم بولغان. گورچاكوۋ بىلەن بوروتىنكوۋ موسكۋاغا يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن، چار پادىشاھ ۋەدىسىدە تۇرماي گورچاكوۋنى ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى بوروتىنكوۋنىمۇ ئۆلتۈرگەن.