Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىككىنچى ئىيۇن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
六月二日起议
liù yuè èr rì qǐ yì
فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، پارىژ خەلقى گېروندىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قوزغىغان قوراللىق قوزغىلاڭ. 1792 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن، ھوقۇق تۇتقان گېروندىچىلار فېئوداللىق مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئۈزۈل - كېسىل ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالمىغا ئەھۋالدا ياكوبىنچىلارنى ۋە پارىژ كوممۇنىسىنى يوقاتماقچى بولغان، بۇ مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتنى ناھايىتى ئۆتكۈرلەشتۈرۋەتكەن. ياكوبىنچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان، 1793 - يىل 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مارات باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كومىتېتىنى قۇرغان ھەمدە خانرىئوت (1761 - 1794) نى خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، پارىژنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن خەلق ئۇيۇشمىسىنى قورشىۋېلىپ، <12 كىشىلىك كومىتېتنى بىكار قىلىش> نى، گروندىچىلاردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى، <گروندىچىلارنىڭ باشلىقىنى سوتلاش> نى تەلەپ قىلغان. خەلق ئۇيۇشمىسى گەرچە <12 كىشىلىك كومىتېت> نى تارقىتىۋېتىشنى ئېلان قىلىشقا مەجبور بولغان بولسىمۇ، بىراق گېروندىچىلاردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى رەت قىلغان. 6 -ئاينىڭ 2 - كۈنى پارىژ خەلقى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. مارات ئۆزى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوڭغۇراق بىناسىغا كېلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەن، خارىئوت 80 مىڭ خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنى باشلاپ يەنە بىر قېتىم خەلق ئۇيۇشمىسىنى قورشىۋالغان، خەلق ئۇيۇشمىسى گېروندىچىلاردىن بولغان 29 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكالاشقا مەجبور بولغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ غەلىبىسى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.