Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسىنىڭ غىدىقلىغۇچ رولى
پسىخولوگىيە
بۇ قىسقىچە «ئىككىنچى سىگنال» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئابىستراكىتسىيىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇلغان سۆز ۋە سۆز ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىشىدىغان تىل بىرىنچى سىگنال سىستېمىسىنىڭ غىدىقلىغۇچىسى بولىدۇ. يەنى شەرتلىك رېفلېكس سىستېمىسى شەكىللىنىش جەريانىدا تىل سىگنالنىڭ سىگناى ئەھمىيىتىگە ئىگە غىدىقلىغۇچ رولىنى ئوينايدۇ. بۇ پەقەت ئىنسانغىلا خاس.