Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىككى دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەدرىسە
دائىرە: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ تارىخى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنىڭ دەسلىپىدە تۆۋەن - يۇقىرى دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەدرىسە دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇش مۇددىتى توققۇز يىل (تۆۋەن دەرىجىلىك بەش يىل، يۇقىرى
دەرىجىلىك تۆت يىل)، كېيىن سەككىز يىلغا ئۆزگەرتىلگەن. (تۆۋەن - يۇقىرى دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر بىرى تۆت يىل). 1910 - يىلغا كەلگەندە، شىنجاڭدا ئىككى دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەدرىستىن جەمئىي بەشى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.