Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىجتىھاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىرىشىش، ھەرىكەت قىلىش، غەيرەت كۆرسىتىش؛ ھەرىكەت؛ ئىجتىھاد:
مۇسائىد زەمانى تاپىپ شاھزاد،
كى ئايىنەگە ئەيلەدى ئىجتىھاد.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى پۈتتۈرۈشكە بولغان ئىنتىلىش، ئىشتىياق.
غەيرەت كەمىرىنى باغلىماق. غەيرەت بىلەن ئىشلە. ھورۇننىڭ تېنىدا جان بار، غەيرەت يوق. غەيرىتىڭ بولسا، يۇلتۇز سانايسەن. ئىجتىھاد قىلغان ئۇتار. ئىجتىھاد _ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى. سەئى قىلساڭ، تاشتىن ئوت ئالىسەن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <بارلىق كۈچىنى چىقىرىش> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىدراك، ھۆكۈمنى تەتبىق قىلىپ يەكۈنگە ئىگە بولىدىغان تەپەككۈر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان مەزھەپلەرنىڭ ئىجتىھادنى چۈشىنىشى پەرقلىق بولدى. دەسلەپكى چاغلاردا فەقىھلەر مەلۇم بولغان ھۆكۈم ئۈلگىسى، پرىنسىپ، ياكى بەلگىلەنگە ئادەت قاتارلىقلارغا ئاساسەن مەلۇم قانۇن مەسىلىسى توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتى كۆزدە تۇتۇلغان. مەنىسى راي بىلەن ئوخشاش. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىمام شافىئىي قاتتىق چەكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتتىق بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە قىلىنغان قىياس ئەقلىي يەكۈننى كۆزدە تۇتتى. يېقىنقى زاماندا <مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش> ئاساس قىلىنىپ، فىقھەنى ئەركىن، ئۆزگىرىشچان چۈشەندۈرۈش، ئوتتۇرا ئەسىر ئەنئەنىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق كۆزدە تۇتۇلدى. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئۆلىمالار فىقھەنى چۈشەندۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىدى. لېكىن، Ⅹ ئەسىر (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 1258 - يىلى) دىن كېيىن فىقھە سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، سۈننىي مەزھىپىدىكى فەقىھلەر <ئىجتىھاد ئىشىكى> يېپىلدى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىنكى ئۆلىمالار قەدىمكى چوڭ فەقىھلەرنىڭ تەلىماتىغا بويسۇنۇش كېرەك، <يېڭىچە يول تۇتۇش> ھەققى يوق، دەپ قارىدى. شىئە مەزھىپى (ئون ئىككى ئىمامچىلار) نىڭ فەقىھلىرى ھەرقانداق دەۋردە ئاجايىپ ئىقتىدارلىق مۇجتەھىدلەر بولىدۇ. ئۇلار تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى فىقھە مەسىلىلىرى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىش لاياقىتىگە ئىگە، دەپ قارىدى. ⅩⅩ ئەسىردىن بۇيان نۇرغۇن ئۆلىمالار <ئىجتىھاد ئىشىكى> نى قايتىدىن ئېچىپ، ئىسلام فىقھەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى.