Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىجازەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رۇخسەت، ئىجازەت:
بېرىپ ئېردى كىر دەپ ئىجازەت ماڭا،
تۆكۈپ ياش بۇلۇتدەك قارادىم ئاڭا.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رۇخسەت، يوق قويۇش، ئىزن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول قويۇش، ماقۇل كۆرۈش.
ئۆلۈمگە ھېچكىم رۇخسەت سورىماس. ئىجازەت بېرىلگەن ئىشنى يەنە سوراۋەرمە. جاۋاب ئېنىق، قورقماي ئىشلە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوبۇل، ماقۇل كۆرۈلۈش.
تەلىپىڭ ئىجابەت بولسۇن. ئىشقا ئىجازەت ئال، قورقماي ئىشلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەت.
ئىجازەت بەرمەك. ئىجازەت سورىماق. ئىجازەت قىلماق.