Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىجادىي تەپەككۇر
تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر
ئىجادىي تەپەككۇر تەپەككۇرنىڭ بىر خىل ئالاھىدە شەكلى، ئۇ تەپەككۇر جەريانى ياكى نەتىجىسىنىڭ مول ئىجادىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. نيۇتون ئۇزاق مەزگىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئاساسىدا، ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشىدىن ئىلھام ئېلىپ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىر خىل ئىجادىي تەپەككۇردۇر.
ئىجادىي تەپەككۇر مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا پەيدا بولىدۇ.
بىرىنچى، گۇمانلىنىشقا جۈرئەت قىلىش. ئەگەر دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ھامان ئەقىلگە مۇۋاپىق، مۇكەممەل بولىدۇ دەپ قارالسا، دۇنيانى ئۆزگەرتىش، يېڭى شەيئىلەرنى يارىتىش ئويىنىڭ پەيدا بولۇشى، يەنى ھەرقانداق ئىجادىيەتنىڭ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. قەدىمكى يۇنانلىق ئاتاقلىق پەيلاسوپ ئارىستوتېل »جىسىم قانچە ئېغىر بولسا، ئۇنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ« دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كىشىلەر بۇنى دەرھەقىقەت دەپ بىلىپ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ باقمىغان. بىراق، فىزىكا ئالىمى گالىلېي بۇنىڭدىن جۈرئەتلىك بىلەن گۇمانلىنىپ، نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئارقىلىق، جىسىمنىڭ چۈشۈش تېزلىكى جىسىمنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان.
ئىككىنچى، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ بىلىم تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەگەر نيۇتون يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى مەسىلىسى ئۈستىدە ئۇزاق پىكىر يۈرگۈزمىگەن بولسا، ئالمىنىڭ يەرگە چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان بولاتتى؛ گالىلېيمۇ جىسىمنىڭ چۈشۈش مەسىلىسىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلمىغان بولسا، ئۇمۇ ئارىستوتېلنىڭ قارىشىنىڭ توغرا - خاتالىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈرمىگەن بولاتتى. شۇڭا، چوڭقۇر بىلىم ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ ئاساسى.
ئۈچىنچى، ئادەتتىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم، بەزىدە مەسىلىلەرنى قارشىسىدىن چىقىپ تەپەككۇر قىلىشقا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامانىدا ئۆتكەن سىماگۇاڭ بالىلىق ۋاقتىدا، بىر كىچىك ھەمراھىنىڭ ئىدىشتىكى سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندىكى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. ئۇ ھەمراھىنى ئىدىشتىن تارتىپ چىقىرىۋېلىشنىڭ ئامالى يوقلۇقىنى بىلىپ قاتتىق جىددىيلەشكەن، ئەمما مۇشۇ جىددىيچىلىك ھېس قىلغان ھامان، ئىچىدە ئەقىل تېپىپ، ئىدىشنى تاش بىلەن ئۇرۇپ چېقىپ، بالىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان. بۇنىڭدىن، ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا ئادەمنى سۇدىن ئايرىش ئۇسۇلىلا ئەمەس، بەلكى يەنە سۇنى ئادەمدىن ئايرىشتەك ئۇسۇلنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە تۈرلىرى بويىچە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بىرقانچە خىل شەيئىنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر قىلىش داۋامىدا ئىلھامغا ئېرىشىش كېرەك. ئالىملار بېلىقتىن ئىلھام ئېلىپ، سۇ ئاستى كېمىسىنى كەشىپ قىلغان؛ قۇشلاردىن ئىلھاملىنىپ، ئايروپىلاننى ئىجاد قىلغان، بۇلار كېيىنچە سىستېما ئىلمىنىڭ بىئونىكا پېنىگە ئايلانغان.
بەشىنچى، ئەتراپتىكى شەيئىلەرنىڭ نۇقسانلىرى ۋە يېتىشسىزلىكلىرىنى دائىم تەھلىل قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىجادىي يېڭى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش كېرەك. مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن بى شىڭ دېگەن كىشى ئويما مەتبەئەنىڭ »ئىنتايىن قوپال«، »ئىنتايىن قۇلايسىز« لىقىدەك يېتەرسىزلىكىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغان. شاڭخەيلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۈي چېن ئادەتتىكى روزېتكىنىڭ ئاسانلا توك سوقىدىغانلىقىدەك يېتەرسىزلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن »تۆت خىل ئىشلىتىشكە بولىدىغان توك روزېتكىسى«نى ئىجاد قىلغان.
ئالتىنچى، پىكىر يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ، ئىجادىي تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، »خىش قانداق يەرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ« دېيىلسە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆي سېلىشقا بولىدىغانلىقىنىلا ئويلايدۇ، بىراق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ قارىغاندا، ئۇنى يوللارغا ياتقۇزغىلى، گۈللۈك سۇپىسى ياسىغىلى، شۇنداقلا يەنە مىخ قاققىلى، نەرسىلەرگە تەگلىك قىلغىلى بولىدۇ ۋە باشقىلار. مەسىلىلەر مۇشۇنداق تەھلىل قىلىنسا، پىكىر يوللىرى كېڭىيىپ، ئىجادىي تەپەككۇر ئاسان پەيدا بولىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ يۈكسەك جەريانى. ئىجادىي تەپەككۇر ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئىچكى باغلىنىشلىرىنى ئېچىپلا قالماستىن، بەلكى مۇشۇ ئاساستا ئىلگىرى بولمىغان يېپيېڭى تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. كىشىلەرگە ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئىجادىي تەپەككۇر كەشپىيات، ئىسلاھات، پىلانلاش، يېزىقچىلىق، رەسساملىق، نەققاشلىق، مۇزىكانتلىق قاتارلىق ئەمەلىي پائالىيەتلەر بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق. ئىجادىي خىيالنىڭ ئارىلىشىشى، ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر بىلەن بىرلىشىشى، مېڭىدە يېڭى ئوبراز شەكىللىنىشى، چۈشەنچىلەرنىڭ ئوبرازلىشىشى ئىجادىي تەپەككۇرنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاچقۇچى. كېلىسكوك ئىجادىي تەپەككۇر پائالىيىتىنى تۆت باسقۇچقا بۆلگەن: (1) تەييارلىق باسقۇچى: بۇ باسقۇچتا ئىجادىيەتچى ماتېرىيال توپلايدۇ، ئۇنى رەتلەيدۇ، تەجرىبە توپلايدۇ، كېيىن مانا شۇلار بىلەن يېڭى فورماتسىيىنى يارىتىدۇ. (2) يۇشۇرۇن باسقۇچ: ماھىيەتتە بۇ بىر «ھەزىم قىلىش» مەزگىلى. بۇ مەزگىلدە ئىجادىيەتچى تاشقى جەھەتتە ھېچقانداق بىۋاسىتە پائالىيەت ئېلىپ بارمىغاندەك، خۇددى قىشلىق «ئۈچەكتە» ياتقاندەك، ھوشىغا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك بولىدۇ. (3) ئىلھام باسقۇچى: بۇ بىردىنلا ئېسىگە كېلىش - چۈشىنىپ يېتىش مەزگىلى. بۇ باسقۇچتا بىر خىل يېڭى مۇناسىۋەت بىردىنلا بايقاپ ئېلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتىكى ئاڭلىق تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى. (4) ئىسپاتلاش باسقۇچى، ياكى ئىپادىلەش باسقۇچى: مېڭىدىكى ئىجادىي چۈشەنچىلەر سىرتلىشىپ (ئاشكارىلىنىپ) ئەمەلىي ئىجادىي مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ. ھەمدە بۇ ئەسەر ئىجادىيەتچىنىڭ كۆڭلى قانائەتلەنگەنگە قەدەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ھازىر دۇنيادا ئىجادىي تەپەككۇرنى تەتقىق قىلىش ئىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. ئوسبىن ئىجادىي تەپەككۇر پائالىيىتى جەريانىنى يەتتە باسقۇچقا بۆلدى: نىشاننى بەلگىلەش؛ ماتېرىيال توپلاش؛ ماتېرىياللارنى ئانالىز قىلىش؛ پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى؛ تەييارلاش؛ ئومۇملاشتۇرۇش (پارچە - پۇرات نەرسىلەرنى جەملەپ يېڭى پىكىرنى شەكىللەندۈرۈش)؛ ئىسپاتلاش.