Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېيزوئىت جەمئيىتى
دۇنيا تارىخى
耶稣会
yē sū huì
كاتولىك دىنىنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتىنىڭ بىرى. 1534 - يىلى ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك لويولا تەرىپىدىن پارىژدا قۇرۇلغان. 1540 - يىلى پاپا پاۋلۇس 3 (1534 - 1549 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەستىقلىشىغا ئىگە بولغان. دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى، كاتولىك دىنىنى يېڭىۋاشتىن جانلاندۇرۇشنى، پاپانىڭ نوپۇزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. تەشكىلات باشلىقى (نامى <گېنېرا>) سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۆمۈر بويى ۋەزىپە ئۆتىگە، دائىم رىمدا تۇرغان. تەشكىلاتتا قاتتىق ھەربىي خاراكتىردىكى ئىنتىزام ئورنىتىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەزالىرى تەشكىلات باشلىقى ۋە پاپاغا تامامەن ئىتائەت قىلىشى، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى لازىم ئىدى. ئەزالىرى ئادەتتە راھىبلار كىيىمىنى كىيمەيتتى، موناستىردا تۇرمايتتى، مەكتەپ، دوختۇرخانا ئېچىش، مەنسەپ ۋە ئوردا پوپلۇقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچرىشىپ دىنىي تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ھەتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، ھەتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، زەھەر سېلىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىشتىن باش تارتماي سىياسىي ساھەدىكى زاتلارغا تاقابىل تۇراتتى. فرانسىيە كورۇلى فېنرىخ Ⅲ ۋە ھېنرىخ Ⅳ پروتېستانت (خوگنولار)غا قارىتا ئەپلىشىپ قېلىش سىياسىتىنى قوللانغانلىقتىن، ئېيزوئىت جەمئىيىتى ئەۋەتكەن قاتىل تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ⅩⅣ ئەسىردە ئېيزوئىت جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگىچە كېڭەيگەن. 1610 - يىلى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پاراگۋايدا دۆلەت قۇرغان (<ئېيزوئىت جەمئىيىتى دۆلىتى> گە قاراڭ). مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئېيزوئىتلاردىن ماتتېئورىككى، ئىئوخان شالل، فېردىناند ۋېربېست قاتارلىقلار جۇڭگوغا كېلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ⅩⅧ ئەسىردە پورتۇگالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1773 - يىلى پاپا ئېيزوئىت جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبور بولغان. لېكىن 1814 - يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئېيزوئىت جەمئىيىتى يەنە ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، غايەت زور بايلىق توپلىغان.