Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
医院骑士团
دىن
yī yuàn qí shì tuán
基
خىرىستيان دىنى
دوختۇرخانا چەۋەندازلىرى
دۇنيا تارىخى
دوختۇرخانا رىتسارلار پولكى
يوھان رىتسارلار پولكى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. بىرىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ قوشۇنى شەرققە تاجاۋۇز قىلغان (1096 - 1099) دىن كېيىن، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئەھلىسەلىپ قوشۇنى دۆلەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ⅩⅡ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئېرۇسالىمدا قۇرۇلغان دىنىي خاراكتېردىكى فېئودال ھەربىي تەشكىلات. بۇ نام ئېرۇسالىمدىكى سانت يوھان دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن. ئاساسەن ئىتالىيە رىتسارلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئېرۇسالىم پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچى بولۇپ قالغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، رىتسارلار پولكى شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپادا زور مىقداردىكى يەر - مۈلۈككە ئىگە بولغان. ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1291-يىلى سىپرۇس ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن. 1310-يىلى رود ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، تاكى 1522-يىلغىچە بېسىپ ياتقان. 1530-يىلدىن باشلاپ، مالتا ئارىلىغا كېلىپ، ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، شۇ سەۋەبتىن مالتا رىتسارلار پولكى دەپمۇ ئاتالغان.