Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
意义记忆
پسىخولوگىيە
مەنىلىك خاتىرە
خاتىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، « لوگىك خاتىرە »، « سۆز - ئىبارىلەرنىڭ لوگىك خاتىرىسى » ياكى « سۆزلەرنىڭ ئابىستراكت خاتىرىسى » دەپمۇ ئاتىلدۇ. بۇ خىل خاتىرە سۆز - ئىبارىلەر بىلەن ئومۇنلاشتۇرۇلغان تەپەككۇر نەتىجىسىنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، شەيئىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئىچكى باغلىنىشلىرى ئەكس ئېتىلگەن ئۇقۇم، تېئورېما، فورمۇلا، ئەقلىي خۇلاسە ۋە ئىديۋى مەسلىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن ئىبارەت. بۇ مەزمۇنلار پۇختا لوگىكىلىق تەپەككۇر جەريانى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار سۆز - ئىبارىلەردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل خاتىرىلەر يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇمۇملاشتۇرۇش، چۈشىنىش ۋە لوگىكىلىققا ئىگە. بۇ خاتىرە تەرەققىياتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ مېخانىزمى ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسىنڭ ۋاقىتلىق باغلىنىش ئىزلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. لېكىن ئۇ يەنە ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئارا كېلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتىنىڭ نەتىجىسى. ئەگەر مەلۇم ئۇقۇمنى ئەستە قالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، كۆرسەتمىلىك ماتېرىيالغا تايىنىلسا، يەنى ئوبرازلىق خاتىرە قاتناشتۇرۇلسا، ئۇنۇمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تىزگىنلەش نەزەرىيىسىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېلىپ قارىغاندا، بۇ خىل خاتىرە سۆز ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈش، نومۇرلاش، ساقلاش ۋە چىقىرىپ ئېلىش جەريانىدىن ئىبارەت. كىشلەر سۆز - ئىبارىلىك لوگىك خاتىرىگە تايانغاندىلا، تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى ئەستە ياخشى ساقلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق مول ۋاستىلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۆگىنىشتە سۆز خاتىرىلىرى بولمىسا، كىتابنى ئوقۇغىلى، لىكسىيىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاددىي ساۋات چىقىرىشتىن زامانىۋى مۇرەككەپ ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى ۋە تۈرلۈك ئىدىيە سىستېمىلىرىنى ئىگىلەشلەرنىڭ ھەممىسى سۆز - ئىبارىلىك لوگىك خاتىرىدىن يەنى مەنىلىك خاتىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.