Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
异养生物
بىئولوگىيە
چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان جانلىقلار
باشقا جانلىقلارنىڭ ئورگانىڭ ماددىسىغا تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىغان جانلىقلار. بارلىق ھايۋانلار، چىرىندىخور ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، موگۇ، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغ، كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار) ۋە پارازىت جانلىقلار (بەزى زەمبۇرۇغ ۋە باكتېرىيىلەر) چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان جانلىقلارغا كىرىدۇ. چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان جانلىقلار ئوزۇقلۇقنى تۇتۇپ يەيدىغانلار، چىرىندىخورلار ۋە ئورتاقلىشىپ ياشايدىغانلار (كەڭ مەنىدىكى ئورتاقلىشىپ ياشاش پارازىتلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بارلىق چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان جانىقلار، مەيلى ئۇلار قانداق ئوزۇقلانمىسۇن، ھەممىسى ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان جانلىقلارنى ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ماددا ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ.