Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىيۇن قانلىق ھەپتىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى六月流血周
liù yuè liú xuè zhōu
ئىتالىيە خەلقىنىڭ مىلىتارىزمغا قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقە. 1914 - يىل 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئانكۇنادا مىلىتارىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىغان. تۇرىن، رىم، مىلان، فېلورېنسىيە قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئىش تاشلىغۇچىلار ھەربىي ۋە ساقچىلارغا قارشى كوچا ئىستىھكامى ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. شەرقىي شىمال قىسمىدىكى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە بىر مەھەل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھەرىكەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ۋەھشىيانە باستۇرۇلغان. ئىشچىلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار نەچچە يۈزگە، قولغا ئېلىنغانلار نەچچە مىڭغا يېتىپ، تارىختا <ئىيۇن قانلىق ھەپتىسى> دەپ ئاتالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.