Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىيۇل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ يەتتىنچىسىنىڭ نامى.
ئىيۇل لاتىنچە Julius دىن كەلگەن. بۇ قەدىمكى رىمنىڭ ھۆكۈمرانى كايزانىڭ ئىسمى بولۇپ، رىملىقلار بۇ ئاينى شۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان.
7 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 - كۈنلۈك.
1 - ئىيۇل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنياغا كەلگەن خاتىرە كۈنى (1921 - يىل).
1 - ئىيۇل كانادانىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى - 11 - ئىيۇل دۇنيا يەر تەۋرەش كۈنى.
1969 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئامستىروڭ بىلەن ئولدېرىن ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم قەدەم قويغان.
7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېلگىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پولشىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مىسىرنىڭ دۆلەت بايرىمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە، لاتىنچە
قەدىمكى رىم پادىشاھلىرىدىن بىرى، ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلغان شەخسلەرنىڭ بىرى. شۇڭا كالېنداردىكى يەتتىنچى ئاي شۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
مىلادىيە يىل ھېسابىدا يەتتىنچى ئاينىڭ نامى.