Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
意土战争
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى
ترىپولى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى يېرى - ترىپولنى تارتىۋالغان ئۇرۇش. 1911 - يىلى 9 - ئايدا ئىتالىيە ماراكەش كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيىنى ئۆزىنىڭ ترىپولىغا كىرىشىگە قوشۇلۇشقا مەجبورلىغاندا، مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن قوشۇن ئەۋەتىپ ترىپولى، دېرنا، بەنەنى غازى قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. 11 - ئايدا ترىپولىنى يۇتۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. بالقان ئۇرۇشى پارتلاش ئالدىدا تۇرغانلىقتىن، تۈركىيە 1912 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى <لوسان شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ترىپولى ۋە كىرېنائىكاغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبور بولغان. كېيىن ئىككى جاي قوشۇلۇپ، لىۋىيە دەپ ئاتالغان.