Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊土战争
دۇنيا تارىخى
ئىران - تۈركىيە ئۇرۇشى
ⅩⅥ - ⅩⅦ ئەسىرلەردە ئىران سافى خاندانلىقى بىلەن تۈرك ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش. كۆرۈنۈشتە ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان سافى خاندانلىقى بىلەن ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي كۈرەشتەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ جەنۇبىي كاپكاز، كوردىستان ۋە ئىراقنى تالىشىش كۈرىشى ئىدى. ئۇرۇش ئاساسەن ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. (1) 1514 - 1555 - يىللىرى. 1514 - يىلى 8 - ئايدا، تۈركىيە سۇلتانى Ⅰ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى تەرەپ چالدىران (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە) دېگەن يەردە كەسكىن جەڭ قىلغان. تۈركىيە مىلتىق، زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ ئارقىلىق غەلىبە قىلىپ، كۇردىستان ۋە ئەرمىنىيىنىڭ غەربىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە سافى خاندانلىقىنىڭ پايتەختى تەبرىزنى بىر مەھەل ئىشغال قىلىۋالغان. 1534، 1548، 1553 - يىللىرى سۇلتان سۇلايمان Ⅰ يەنە كۆپ قتىم ئىرانغا بېسىپ كىرىپ، سافى خاندانلىقىنىڭ غەربىدىكى كەڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان. 1555 - يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھكە كېلىپ، سۈلھ شەرتنامە بويىچە تۈركىيە ئىراققا ئىگە بولغان، ئەزەربەيجان ئىرانغا تەۋە بولغان. ئەرمىنىيە بىلەن گروزىيىنى ئىككى دۆلەت بۆلۈشۈۋالغان. (2) 1603 - 1612 - يىللىرى. 1590 - يىلى ئىران كورۇلى ئابباس Ⅰ شەرقىي گروزىيە، شەرقىي ئەرمەنىستان ۋە ئەزەربەيجاننى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە كېسىپ بېرىشكە مەجبور بولغان. كېيىن ئابباس Ⅰ ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۈچىنى ئاشۇرغان. 1603 - يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيە قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 1612 - يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، سافى خاندانلىقى گروزىيە، ئەرمەنىستان، ئەزەربەيجان ۋە كۇردىستاننى ھەمدە دىيار بەكىر، مۇسۇل، باغداد قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۋالغان. (3) 1623 - 1639 - يىللىرى. دەسلىپىدە سافى خاندانلىقى ئىراق ۋە مېسوپوتامىيىنى ئىشغال قىلغان، كېيىن تۈركلەر تارتىۋالغان. 1639 - يىلى ئىككى تەرەپ يەنە بىر قېتىم سۈلھ قىلىپ، ئاساسەن ئىككى دۆلەتنىڭ 1612 - يىلى بەلگىلىگەن چېگرىسىنى ساقلاپ قالغان.