Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊藤仁斋
دۇنيا تارىخى
ئىتوجىنساي
(1627 - 1705) ياپونىيە ئېدونىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى مائارىپشۇناس، كيوتودا تۇغۇلغان. ئىسمى كورىي ئېدا. تەخەللۇسى جىنساي بولۇپ <قەدىمشۇناس ئەپەندىم> دەپ ئاتالغان. 1662 - يىلى (كامبوننىڭ ئىككىنچى يىلى) كىيوتودىكى خورىكاۋا دەرياسىنىڭ بويىدا مەكتەپ ئېچىپ، دەرس سۆزلەپ، جۇزئى تەلىماتىغا قارىتا شۈبھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۇڭزى، مىڭزى تەلىماتلىرىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئالەمنىڭ تۈپ زاتى - بۇغ، ئاسمان - زېمىن زور <تىرىك ماددا> دەپ قارىغان. ئىدىيىسىدە ساددا ماتېرىيالىزملىق ئامىللار بولغان. 40 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، شاگىرتى 3000 گە يېتىپ، <قەدىمشۇناسلار> دەپ ئاتالغان. <>مۇھاكىمە ۋە بايان< نىڭ قەدىمكى مەنىسى>، <مىڭزى تەلىماتىنىڭ قەدىمكى مەنىسى>، <مۇرەسسە - مادارانى جارى قىلدۇرۇش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۆلگەندىن كېيىن چوڭ ئوغلى توكىشى (1670 - 1738) ئۇنىڭ تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، <تۈزۈملەر ھەققىدە>، <جىلددىن خاتىرىلەر> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.