Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊索
دۇنيا تارىخى
ئېزوپ
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىر)، ئەنئەنىۋى قاراشتا <ئېزوپ مەسەللىرى> نىڭ ئاپتورى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىيال يوق. قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرى (ئالايلۇق، ھېرودوت) نىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە يۇناننىڭ ساموس ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى) دا قۇل بولۇپ، زېرەك بولغانلىقتىن خوجايىنى ئادمون تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنىكەن. لىدىيىگە بېرىپ كورۇل كروئىس بىلەن كۆرۈشۈپ مۇقەددەس جاي دېلپىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ئۆلتۈرۈلگەنىكەن. ئېزوپ ئاممىباپ ۋە ئىخچام بولغان.بەزى ئۇششاق ھېكايىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ ھېكايىلەر ئاددىي، لېكىن مەنىسى چوڭقۇر بولغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىگە بولغان؛ ئاغزاكى ئەدەبىيات شەكلى بىلەن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ بارغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 300 يىلى ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا ئالېكساندىيىدە (مىسىر) ئالىم دېمېترىئو (ئافىنالىق) تۇنجى قېتىم نەسىرلەر توپلىمى (200 نەچچە ھېكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى رەتلەپ چىققان. Ⅰ - Ⅱ ئەسىرلەرگە كەلگەندە يەنە نەزمىي ئەسەر نۇسخىسى (يۇنان ۋە لاتىن يېزىقلىرىدا) مەيدانغا كەلگەن. كېيىن شەرق (ھىندىستان، ئەرەب قاتارلىقلار) نىڭ بەزى ھېكايىلىرىمۇ بارا - بارا ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن. ⅩⅣ ئەسىردە، موناخ پىلانۇدېس تېخىمۇ ئىلگىرلەپ توپلىغان. ⅤⅩ ئەسىردىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئىنگلىز، نېمىس قاتالىق كۆپ خىل يېزىقتا تەرجىمە قىلىنغان. دېمەك، ھازىر تارقىلىپ يۈرگەن <ئېزوپ مەسەللىرى> (300 نەچچە پارچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېزوپ ئاساس سالغان ھەم ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. كۆپ تەرەپتىن ماتېرىيال ئېلىنغان شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشى ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان بىر خىل مەسەللەر توپلىمى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
伊索〈智〉
yī suǒ
ئىززوDئىستېتىكا
yī suǒ
ئېزوپ