Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊斯兰教联盟
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنى ئىتتىپاقى
يەنى <پۈتۈن ھىندۇنېزىيە مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى>. ھىندۇنېزىيىدىكى تۇنجى بۇرژۇئا مىللەتچى سىياسىي تەشكىلاتى. 1912 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەكتى. 1911 - يىلى قۇرۇلغان ئىسلام سودا ئىتتىپاقى بولۇپ بۇ تەشكىلاتقا توجۇكرو ئامىنوتو ئاساس سالغان. دەسلىپىدە مىللىي كارخانىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ۋە ماددىي جەھەتتىكى پاراۋانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى جانلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە <ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىش> نى تەشەببۇس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تەرەققىي قىلغان. مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، ئەزالىرىنىڭ سانى 300 مىڭ ئەتراپىغا يەتكەن. (1916). لېنىن ئۇنى <يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مىللىي جەمئىيىتى>(<لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى> 2- توم، خەلق نەشرىياتى، 1972 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 448 - بەت) دەپ ئاتىغان. 1917 - يىلى ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ھەمدە <قەبىھ كاپىتالىزم> غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بەزى مەشھۇر كوممۇنىزمچىلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە تىرىشىشى ئارقىسىدا، 1921 - يىلى 3 - ئايدىكى بەشىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىدا: مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زۇلمى - كاپىتالىستىك ھۆكۈمرانلىقنىڭ نەتىجىسى، كاپىتالىزمغا ئىشچى - دېھقانلار كۈچى ئارقىلىق قارشى تۇرۇش لازىم، دەپ كۆرسەتكەن. مۇشۇ ۋاقىتتا مەزكۇر ئىتتىپاقى، ماھىيەتتە مىللىي بىرلىك سەپ تەشكىلاتى خاراكتېرىگ ئىگە بولغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا، ئالتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا، كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن، يىغىن پارتىيىدىن ھالقىپ كېتىشكە يول قويماسلىقنى قارار قىلىپ، كوممۇنىزمچىلانى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبور قىلغان. 1921 - يىلى نامىنى ئىسلام ئىتتىپاق پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1930 - يىلى نامىنى يەنە ھىندۇنېزىيە ئىسلام دىنى ئىتتىپاق پارتىيىسى، دەپ ئۆزگەرتكەن.