Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊斯兰教
دىن
yī sī lán jiào
ئىسلام دىنى
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنى
دۇنيادىكى ئۈچ دىننىڭ بىرى. مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن. دىنىي ئېتىقاد، بىر خۇدالىق دىن. خەنزۇچە يېزىقلاردا <回教>، <回回教>، <清真教> <كەبە دىنى> دەپ ئاتالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. ئىسلام ئەرەب تىلىدىكى Islam نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <ئىتائەت قىلىش> دېگەن مەنىدە. ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى <مۇسۇلمانلار> (Muslim) دېيىلىدۇ. بۇ <ئىتائەت قىلغۇچى، ئاللاغا ئېتىقاد قىلغۇچى، پەيغەمبەرگە بويسۇنغۇچى بەندە> دېگەن مەنىدە. ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى شۇ چاغدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىپتىدائىي جامائەنىڭ پارچىلىنىشىدىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈپ، سىياسىي بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتەك ئارزۇرلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 610 - يىلى، مۇھەممەدە پەيغەمبەر يەھۇدىي دىنى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ بىر خۇدالىق ئىديىسىنى ھەمدە <ھەنىف> (<ئەنئەنە> دېگەن مەنىدە) ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەككە شەھىرىدە، ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشنى باشلىغان. دەسلىپىدە مەككىدىكى ئاقسۆڭەك ۋە باي سودىگەرلەر مەزكۇر دىننىڭ تارقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دىن تارقىلىشىنىڭ پائالىيىتىگە قارشى تۇرغان ھەم ئۇنىڭ مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان. 622 - يىلى، مۇھەممەد پەيغەمبەر مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبور بولۇپ، بۇ يەردە تۇنجى ئىسلام دىنى ئىلاھ ھاكىمىيىتى دۆلىتىنى قۇرغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىسلام دىنى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە تەبىقە تۈزۈمىنى قوغدىغان، قۇللۇق تۈزمنى بىكار قىلمىغان. لېكىن قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشىنى بىكار قىلىشنى، جازانىخورلۇق ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى چەكلەشنى، نامراتلارغا يار - يۆلەك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا مەلۇم دەرىجىدە ماسلىشىپ، سىنىپىي زىددىيەتنى پەسەيتىپ، تارىخىي ئىلغارلىققا ئىگە بولغان. لېكىن ئەرەبلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىستېلا قىلىشى ۋە سىرتقا قاراپ كېڭىيىشى، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنى ئەرەب ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى قاتارلىق دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن فېئوداللىق دۆلەتلەرېنىڭ مەنىۋى ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان، شۇنداقلا ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىك كەڭ رايونلارغا تارقىلىپ، دۇنياۋى خاراكتىرلىك دىنغا ئايلانغان. ئەڭ ئالىي كىتابى <قۇرئان> دۇر، بۇنىڭدىن باشقا <ھەدىس> قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلىرىمۇ بار. ئاساسلىق دىنىي ئەقىدىسى: ئاللا - بىردىنبىر خۇدا، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، <قۇرئان> ئاللانىڭ <ۋەھىسى> ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش؛ دۇنيادىكى جىمىكى شەيئىلەرنى ئاللا <ئالدىن بەلگىلەيدىغانلىقى> غا ئىشىنىش ھەمدە <ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش>، <مەھشەرگاھتىكى سوراق> قا ئىشىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنىپىي كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، مەزكۇر دىندا بىر مۇنچە مەزھەپلەر مەيدانغا كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭلىرى سۈننى مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىجلار مەزھىپىدۇر. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى سۈننى مەزھىپىگە تەۋە بولۇپ، دىنىي ئىلىم جەھەتتە ھەنەفىيە ئېقىمىنى يولغا قويىدۇ.
تارىخ,ئىستېتىكا,ئەدلىيە,مائارىپ
yī sī lán jiào
ئىسلام دىنىDئۇنىۋېرسال
yī sī lán jiào
ئىسلام دىنى
دىن
yī sī lán jiào
伊
ئىسلام دىنى
ئىسلام دىنى، ئىسلام، ئىسلامىيەت
دىن
yī sī lán jiào
伊
ئىسلام دىنى
<دىنۇل ئىسلام>، <ئىسلام دىنى