Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊斯兰会议
دۇنيا تارىخى
ئىسلام يىغىنى
ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى. 1971 - يىلى 5 - ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان. ھازىر 42 دۆلەت ئەزاسى <ئىسلام يىغىنى ئاساسىي نىزامى> دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ مەقسىتى؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى تىرىشىپ تۈگىتىش؛ ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش؛ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇرتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى قوللاش؛ بارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ غۇرۇرى، مۇستەقىلىكى ۋە مىللىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەشكىلىي ئورگارنلىرىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، كاتىبات باشقارمىسى (سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە دېگەن يېرىدە) ۋە قوشۇمچە ئورگانلىرى بار. 1980 - يىلى 8 - ئايدا مەزكۇر تەشكىلات بىلەن ئەرەب ئىتتىپاقى تۇنىستا بىرلەشمە يىغىن ئاچقان ھەمدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان. تۆتىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 1984 - يىلى 1 ـ ئايدا ئۆتكۈزۈلۈپ، <كاسابلانكا ئاساسىي نىزامى> نى ماقۇللىغان.