Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىيسا ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قاتاردىكى ئاللانىڭ ئالتە پەيغەمبىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قەيت قىلىنىشىچە، ئىيسا ئىپپەتلىك قىز مەريەمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاللانىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېيىشى بىلەن دۇنياغا كەلگەن. «ئاللانىڭ ھېكمىتى» دەپ قارىلىدۇ. ئىيسا «قۇرئان كەرىم» دە « مەسىھ» (نىجاتكار) دېيىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋەھىي بىلەن « ئىنجىل» غا ئىگە بولۇپ، خرىستىئان دىنىنى بارلىققا كەلتۈردى؛ ئەمانىڭ كۆزىنى ئاچتى، ماخاۋنىڭ كېسىلىنى ساقايتتى، ئۆلۈكنى تىرىلدۈردى، لايدىن قۇشقاچ ياساپ، ئۇنىڭغا سۇف دەپ دەم سېلىۋېدى، لاي قۇشقاچ راست قۇشقاچقا ئايلاندى. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللا ئەمەس، ئاللانىڭ ئوغلىمۇ ئەمەس،خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچ زات تەلىماتىدىكى بىر زات ھېسابلىنىدىغان ئىلاھىي ئوغۇلمۇ ئەمەس. ئۆلتۈرۈلمىگەن، كرىست تاختايغا مىخلانمىغان. قىيامەت سورىقىدا ئاللانىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.