Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊萨克斯
دائىرە: دۇنيا تارىخىئىساكىس
(1837 - 1895) كولومبىيىلىك يازغۇچى. ئىلگىرى - كېيىن كالى، پوپايان، بوگوتا ۋە لوندوندا ئۇقۇغان. 1860 - يىلى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1867 - يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1871 - 1873 - يىللىرى چىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. كېيىن نامراتلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. تراگېدىيىلىك رومان - <مارىيە> دېگەن ئەسىرى بار. بۇ لاتىن ئامېرىكىسى رومانتىزمىدا ۋەكىللىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. يەنە <شېئىرلار توپلىمى> قاتارلىقلار بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.