Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېينىخارد
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 770 - 840)فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىئوگراف يازغۇچىسى، كارولىن خاندانلىقى <ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىشى> دەۋرىدىكى ۋەكىللىك ئەربابىنىڭ بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا فولدا مۇناستىردا تەربىيە ئالغان، بىناكارلىقىنى ئۆگەنگەن. مىلادى 479 - يىلى ئىمپېراتور چارلېسنىڭ كاتىپى بولغان، كېيىن جامائەت قۇرۇلۇش ۋەزىرى بولغان. ئاچېن قاتارلىق جايلاردىكى چېركاۋ ۋە سارايلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلغان. 806 - يىلى رىمغا بارغان. 830 - يىلىدىن كېيىن سېلىگېنىستاد (ھازىرقى فېدېراتىپ گېرمانىيىدىكى فرانكفورتنىڭ غەربىي جەنۇبى)دا تەركىدۇنيا بولغان، شۇنداقلا بۇ يەردە بىر موناستىر سالدۇرۇپ، ئۆمۈرۋايەت شۇ يەردە تۇرغان. رىم تارىخشۇناسى سۇئېتونىئۇسنىڭ قەلىمىگە تەقلىد قىلىپ <ئىمپېراتور چارلېسنىڭ تەرجىمىھالى> نى يېزىپ، ئىمپېراتور چارلېسنىڭ تۆھپىسىنى ئەسلىگەن ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۈرمىتىنى ئىزھار قىلغان. ۋەقەلىك روشەن بايان قىلىنغان، سۆزلىرى ناھايىتى قاملاشقان، ئىمپېراتور چارلېسنى ناھايىتى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بايان قىلغان.